تۈركىيە رىيادقا قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا قىلغان تۈنۈگۈنكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

872318
تۈركىيە رىيادقا قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، «مەزكۇر ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنىشى سايىسىدا دوست ۋە قېرىنداش سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا ئېتىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، شەھەر تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر