تۈركىيە ئاۋسترىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋسترىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسىدا تۈركىيە توغرۇلۇق ساغلام بولمىغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى سەۋەبىدىن ئاۋسترىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

869906
تۈركىيە ئاۋسترىيەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋسترىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەش لازىملىقى»دېگەن  مەزمۇندىكى جۈملىنىڭ ئورۇن ئېلىشى توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، بۇنىڭ تولىمۇ «چاكىنا ۋە مەنىسىز»بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئاۋسترىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسىدىكى بۇ چاكىنا ئىپادىلەر ئايرىمچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي ئېقىملار سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئەندىشىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.»

باياناتتا يەنە مۇنۇلارغىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بۇنىڭدىن تاشقىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن  دۆلىتىمىز ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ روھىغا زىت ھالدا دېيىلگەن بۇ سۆزلەر سەممىيلىكتىن خالىيدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە باشقا ئىتتىپاقداشلارنى تېپىشنى تەۋسىيە قىلىش سىياسىي ۋە دىپلوماتىك ئەخلاققا زىتتۇر، تۈركىيەنىڭ دوستلۇقى قىلچە نەزەرگە ئېلىنمىغان ئاساستا ئىشلىتىلگەن بۇ ئىپادىلەر بويىچە ئىش تۇتۇلسا تۈركىيەمۇ  تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرىدۇ. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر