تۈركىيە، سومالى ساقچى ئاكادېمىيەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، سومالىدىكى بىر ساقچى ئاكادېمىيەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

869153
تۈركىيە، سومالى ساقچى ئاكادېمىيەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە سومالىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ۋە بۇ جەھەتتىكى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ساقچى ئاكادېمىيەسىگە قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 17 گە يەتتى.

ئالدىنقى كۈنى ساقچى فورمىسى كىيىۋالغان بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى پايتەخت مۇقدىشودىكى ساقچى ئاكادېمىيەسىگە كىرىپ، بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانىدى.

ھۇجۇمنىڭ، ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر