ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدا توپلىنىدۇ
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا توپلىنىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە (13-دېكابىر) كۈنى باشلىنىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇددۇسنىڭ ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. يىغىن ئاخىرىدا خىتابنامە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەتىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا، 16 دۆلەت باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 دۆلەتتىن كەلگەن رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ. ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، باڭلادىش، ھىندونېزىيە، پەلەستىن، گىنە، ئىران، قاتار، كۈۋەيت، لىۋىيە، لىۋان، سومالى، سۇدان، توگو، ئىيوردانىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر پىرېزىدېنت ياكى پادىشاھ سەۋىيەسىدە قاتنىشىدۇ.
جىبۇتى، مالايشىيا ۋە پاكىستان پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە قاتنىشىدۇ. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكستاندىن پارلامېنت باشلىقلىرى قاتنىشىدۇ. كۆزەتكۈچى دۆلەت بولغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى، مېھمان دۆلەت سالاھىيىتىدە قاتنىشىدىغان ۋېنېزۇئېلانىڭ پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرومۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.