تۈركىيەدە ئىقامەت ئالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان ئىقامەتلەر؛ قىسقا مۇددەتلىك، ئائىلە، ئوقۇغۇچى، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىنسانىي ئىقامەت ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا بېرىلىدىغان ئىقامەت قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

866898
تۈركىيەدە ئىقامەت ئالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 590 مىڭ چەت ئەللىك تۈركىيەنى ئۆز ئۆيى ئورنىدا تاللىدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 13 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئىقامەت گۇۋاھنامىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 589 مىڭ 473 يەتكەن.

تۈركىيە 2005 – يىلى 178 مىڭ 964 چەت ئەللىككە ئىقامەت گۇۋاھنامىسى بەرگەن بولۇپ، بۇ سان ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 461 مڭ 217 كىشىگە ئۆرلىگەن.

بۇ يىل 7 – دېكابىردىكى سان بويىچە بولغاندا، 128 مىڭ 256 چەتئەللىككە تۈركىيەدە تۇرۇش ئىقامەت گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن. شۇنداق قىلىپ 13 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئىقامەت گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 589 مىڭ 473 كىشىگە يەتكەن.

چەت ئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ ئىقامەت بېرىلگەن ۋىلايەتلەر ئارىسىدا، 290 مىڭ 509 كىشى بىلەن ئىستانبۇل بىرىنچى، 51 مىڭ 705 كىشى بىلەن ئەنقەرە ئىككىنچى ۋە 49 مىڭ 677 كىشى بىلەن ئانتاليا ئۈچىنجى بولدى.

2005 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئىقامەت گۇۋاھناسى ئالغان چەت ئەللىكلەردىن  55 مىڭ  983 كىشىنىڭ ئىراق پۇقراسى، 48 مىڭ 738 كىشىنىڭ سۈرىيە پۇقراسى، 39 مىڭ 184 كىشى ئەزەربەيجان پۇقراسى، 24 مىڭ 253 كىشىنىڭ تۈركمەنىستان پۇقراسى ۋە 21 مىڭ 6 كىشىنىڭ رۇسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چەت ئەللىكلەر ۋە خەلقئارا قوغداش قانۇنىغا بىنائەن تۈركىيەدە تۇرۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىقامەت گۇۋاھنامىسى، مەزكۇر چەت ئەللىكنى تۈركىيەدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە، مۇئەييەن بىرەر يەردە ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان ئىقامەتلەر؛ قىسقا مۇددەتلىك، ئائىلە، ئوقۇغۇچى، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىنسانىي ئىقامەت ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا بېرىلىدىغان ئىقامەت قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر