كەشمىر – تۈركىيە  پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپى كەلدى

پاكىستان ئازاد كەشمىر پارلامېنتى باشلىقى شاھ غۇلام قادىر ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

865948
كەشمىر – تۈركىيە  پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەكلىپى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارتقان ئازابلىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ۋەكىلى ئەھمەت ئايدىن پاكىستان ئازاد كەشمىر پارلامېنتى باشلىقى شاھ غۇلام قادىر ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

ئەھمەت ئايدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىۋانى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، كەشمىر خەلقى بىلەن ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋېتى بارلىقىنى ۋە بۇ نۇقتىدىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىگە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كەشمىردىكى قېرىنداشلىرىمىز چېكىۋاتقان ئازاب ۋە قېيىنچىلىقلارنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز. بۇ مەسىلىنىڭ پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا دىيالوگ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى ئاساس قىلغان شۇنداقلا كەشمىر خەلقىنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەل قىلىنىشىنى قوللايمىز» دېدى.

كەشمىر مەسىلىسىنىڭ سىياسىي تەرىپىگە ئوخشاش ئىنسانىي تەرىپىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەھمەت ئايدىن: «70 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ مەسىلە، ھەم كەشمىر خەلقىنىڭ باياشاتلىقىغا، ھەم جەنۇبىي ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە سەلىبىي تەسىر كۆبرسەتمەكتە» دېدى. 

كەشمىر خەلقىنىڭ ھەققانى تەلەپلىرىدىن باشقا يەنە، كىشىلىك ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

پاكىستان ئازاد كەشمىر پارلامېنتى باشلىقى شاھ غۇلام قادىرمۇ سۆز قىلىپ، كەشمىرلىكلەرنىڭ تۈركىيە خەلقىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ كەشمىر مۇجادىلىسىدە ھەر دائىم پاكىستاننى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پاكىستان ئازاد كەشمىر پارلامېنتى باشلىقى شاھ غۇلام قادىر تۈركىيە – كەشمىر پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر