بىرمادا تۇتۇلغان ت ر ت نىڭ ئىككى مۇخبىرى سوتقا چىقتى

بىرمادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا قولغا ئېلىنغان ت ر ت (تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) ۋورلد قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى، يەنە بىر قېتىم سوتقا چىقتى.

865847
بىرمادا تۇتۇلغان ت ر ت نىڭ ئىككى مۇخبىرى سوتقا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا تۇتۇلغان ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىككى ئايدىن بۇيان بىرما تۈرمىسىدە ئىدى. سىنگاپورلۇق كامېراچى لاۋ خونمېڭ بىلەن مالايشىيالىق مۇخبىر موك چويلىن 2017-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىرما دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى.

بۈگۈن (11-دېكابىر) مۇخبىرلار يەنە بىر قېتىم سوتقا چىقتى. مۇخبىرلار قاماق جازاسىنى جەرىمانىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سوت ھۆكمىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىككى مۇخبىر ھەققىدە بىرماغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېلىپ كىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۈچ يىل، ئايروپىلاننى ئىشلەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن بەش يىل قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىناقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر