تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

863100
تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قارار، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئۇرۇلغان ئېغىر زەربىدۇر» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار قەدەملەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىزدۇر. بۇ قارار، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئۇرۇلغان ئېغىر زەربىدۇر. بۇ قارار بىلەن بىرلىكتە رايوندا پاندورانىڭ قۇتىسى ئېچىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

يىلدىرىم بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «پەلەستىن ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ تاشلايدىغان بۇ قارار، سىياسىي قايغۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىنغان تولۇق مەنىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۈلگىسىدۇر. بۇ قارارنى چىقارغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق قۇددۇسنىڭ پۈتكۈل مۇقەددەس ماكانلىرىنىڭ سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىشى، خالىغانچە قەدەم تاشلىماسلىق ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە توختىلىپ، «چىقىرىلغان ناھەق، ئادالەتسىز، رايوننى، دۇنيانى ئوت يالقۇنى ئىچىگە ئىتتىرگەن، خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىگە روشەن خىلاپ بۇ قارارى يۈزىسىدىن ئامېرىكىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ قارار بىزگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىزدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قۇددۇسقا / قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بولسا، «بىر دۆلەتنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن قۇددۇس ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولۇپ قالمايدۇ» دېدى. ئۇ يەنە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلىشى» غا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان قارارىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«بىز بۇ باياناتنى قوبۇل قىلماسلىق بىلەن بىرگە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. چۈنكى، بۇنداق بىر بايانات رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بومبا قويۇشتۇر» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ باياناتنىڭ خەلقئارا قانۇنغا، كېلىشىملەرگە ۋە ب د ت ھۆججەتلىرىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر