يىلدىرىم شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ھەۋىسىنى توختىتىشىنى ئېيتتى
جەنۇبىي كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جەنۇبىي كورېيە باش مىنىستىرى بىلەن باش مىنىستىرلىق بىناسىدا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋە بەزى سەرمايىسى بىر قانچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغان شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ جەنۇبىي كورېيەدە ھەيئەتلەر ئارا ۋە ئايرىم ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 60 يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جەنۇبىي كورېيەنىڭ بەزى چوڭ شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى شېرىكلىرى بىلەن يېڭى لايىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى؛ بۇ شىركەتلەرنىڭ تۈركىيەگە سالىدىغان بىۋاستە سېلىنمىلىرىنىڭ پەقەت تۈركىيە بازارلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى 60 دۆلەتكە، شۇنداقلا 1.5 مىليارد نوپۇسلۇق ۋە 30 تىرىلىيون دوللارلىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ زىيارىتىدە رايونلۇق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:
«شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ھەۋىسى، شۇنداقلا ب د ت قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، دىيالوگ يولى بىلەن رايوندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر دائىم مەزكۇر مەسىلىلەردە جەنۇبىي كورېيەنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئېيتىشنى خالايمەن.»
ب د ت، G20 گە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «بولۇپمۇ، خەلقئارالىق تېررورلۇق ۋە تۈركىيە دۇچ كەلگەن مۇساپىرلار مەسىلىسى، سۈرىيە، ئىراق ھەمدە رايوندىكى مۇقىمسىزلىقلار، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارەلىق مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرەدە مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي كورېيە باش مىنىستىرىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.
جەنۇبىي باش مىنىستىرى تۈركىيە بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۇچرىشىشلاردا، شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان چوڭقۇر قايغۇلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشى، كورېيە يېرىم ئارىلىنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە يادرو قورالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىنچلىق ھەمدە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ھەقتە كۈچلۈك سىگنال بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەنىڭ كورېيە ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۆزلىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، شىمالىي كورېيە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەردە سېئۇلنى قوللىغانلىقىنى ئېيتقان جەنۇبىي كورېيە باش مىنىستىرى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ جەنۇبىي كورېيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ساھەلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىستانبۇلدىكى ياۋرو-ئاسىيا تونېلى، ئۈچىنچى بوغۇز كۆۋرۈكى لايىھەلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، چاناققەلئە كۆۋرۈكىنىڭ پۈتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.