چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

862320
چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئاي نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ترىدېنت جاۋېلىن» ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگنىڭ مانېۋىردا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىك ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن سۆزلەشكەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، «باش كاتىپ ئۇچرىشىشتا، ناتو ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ (مەزكۇر) ۋەقە ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلۇشى كېرەك بولغان تەدبىرلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى روشەن ئىپادىلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىر مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىنې مارىئې ئېرىكسېن بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئېرىكسېن ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «كەسىپدىشىم بىلەن ياخشى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، كۆچمەنلىك ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېدى.

نورۋېگىيەدىكى ناتو مانېۋىردا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر ئېرىكسېن، «ناتو بۇنىڭغا ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن جاۋاب بەرگەنىدى، نورۋېگىيەمۇ شۇنداق. بۇ مەسىلىنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ناتونىڭ نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان مەسىلىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشىدىن باشقا يېڭى ئەھۋاللارنىڭ يوقلۇقىنى، ئالدىمىزدىكى ھەپتە بۇ تېمىغا بەزى يېڭىلىقلارنىڭ قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ترىدېنت جاۋېلىن» ھەربىي مانېۋىرى ئەسناسىدا دۈشمەن تەرەپ قىسمىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاتۈرك رەسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ باش ئىشتاب باشلىقىمىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرىمىز (ئۇلار كانادا يولىدا ئىدى) بىزگە تېلېفون قىلدى. <مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بار. بۇ ناتو مانېۋىرى. (ئۇ يەردە) 40 ئەسكىرىمىز بار، بىز ھازىر بۇ ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدۇق، قايتۇرىمىز> دېدى. بىزمۇ <ئەلۋەتتە، كېچىكمەستىن دەرھال (چېكىندۈرۈڭلار). ئۇ نىشانلار ئېلىپ تاشلانغان تەقدىردىمۇ 40 ئەسكىرىمىزنى ئۇ يەردىن دەرھال چېكىندۈرۈڭلار> دېدۇق. بۇنداق بىر ئىتتىپاق، بۇنداق بىر ئىتتىپاقداشلىق بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

نورۋېگىيەلىك باش كاتىپ، ۋەقە ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ناتو نامىدىن تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سوراپ بايانات ئېلان قىلغان، ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ ئايرىم كەچۈرۈم سورىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر