تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى.

861384
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاسوس رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 36 نۇقتىنى بىتچىت قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا تەۋە نۇقتىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ دائىرىدە ئاسوس رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان قورال-ياراغ ئىسكىلاتى، قونالغۇ ۋە مەشق ئورۇنلىرى بولۇپ جەمئىي 36 نۇقتا ۋەيران قىلىنغان.


خەتكۈچ: #پ ك ك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر