باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىككى كۈنلۈك جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى باشلىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن رەپىقىسى سەمىھا يىلدىرىم ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت، جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇسان شەھىرىگە يېتىپ باردى.

861297
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىككى كۈنلۈك جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋاقتى سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇسان شەھىرىگە يېتىپ بارغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن رەپىقىسى سەمىھا يىلدىرىمنى گىمخائې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بۇسان شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل ئەمەلدارى باش ئەلچى خوڭ سۇڭ-خۋا، تۈركىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارسلان ھاقان ئوكچال ۋە رەپىقىسى پىنار ئوكچال، تۈركىيەنىڭ بۇساندا تۇرۇشلۇق پەخرىي كونسۇلى پارك-سا ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى كۈتۈۋالدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم جەنۇبىي كورېيەنىڭ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بۇساندا كورېيە ئۇرۇشىغا ب د ت  تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان ب د ت  خاتىرە قەبرىستانلىقىدىكى تۈرك شېھىتزارلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئارقىدىن پايتەخت سېئۇلغا بېرىپ، جەنۇبىي كورېيە باش مىنىستىرى لېي ناك-يېئۇن بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ پىرېزىدېنت مۇن جائې-ئىن تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدىغان يىلدىرىم، دۆلەت مەجلىسى باشلىقى چۇڭ سيې-كيۇن بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ؛ ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، كورېيە شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

بىنالى يىلدىرىمنىڭ جەنۇبىي كورېيە زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 – يىلىغا توغرا كەلگەنلىكى نۇقتىسىدىنمۇ ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر