بۈگۈن باش مىنىستىرنىڭ باشچىلىقىدا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىدۇ

مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا، ئىراق بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

860972
بۈگۈن باش مىنىستىرنىڭ باشچىلىقىدا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى بۈگۈن (4-دېكابىر) باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە قۇرۇلغان كۆزىتىش نۇقتىلىرى، ئافرىن شەھىرىگە ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئېھتىماللىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسىرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان تالاش-تارتىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر