يىلدىرىم لوندوندىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا سۆز قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم لوندوندا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى 3600 تېررورىستنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

856425
يىلدىرىم لوندوندىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى زىيارىتى دائىرەسىدە، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا، «تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇقتىئىينەزىرى، تونېلنىڭ ئاخىرىدا نۇر بارمۇ؟» تېمىلىق لېكسىيە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدە تەخمىنەن يەتتە يىلدىن بۇيان ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ۋە كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا كۈچىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «سۈرىيە كىرىزىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى كۈچەيتىپ كەلگەن دۆلەت بار دېيىلسە، ئۇ دۆلەت تۈركىيەدۇر. خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى قەستەن چۈشەنمەسلىككە تىرىشىپ كەلگەن بىر ھاكىمىيەت بىلەن دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقىنى پۇرسەت بىلىپ، كۈنتەرتىپنى تېررورلۇق بىلەن باشقۇرۇشقا ئۇرۇنغان، دۆلەتتىكى ئايرىمىچىلىقلارغا مەلھەم بولماستىن، دەل ئەكسىچە ئايرىمىچىلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى كۆرۈۋاتىمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ يەردىكى ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ يەردە تېررورلۇقنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. سۈرىيەنىڭ خەلقى بىلەن كۆيۈپ كۈل بولۇشىغا، 911كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېگراسى بار تۈركىيە قاراپ تۇرالمايتتى، بېسىم ۋە ھۇجۇملاردىن قاچقان مىليونلارچە كىشىنى باغرىمىزغا باستۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىىلش ئۈچۈن باشلىغان ئاستانا مۇساپىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇساپە مۇئەييەن بىر نۇقتىغا يېتىپ كەلدى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتىم مۇھىم مۇساپىلەرنى باستۇق.»

ئۇ ئاستانا مۇساپىسىنىڭ جەنۋە مۇساپىسىغا نىسبەتەن بىر تاللاش يولى ياكى رەقىپ ئەمەسلىكى ئەسكەرتىپ: «بۇ مۇساپە ئەسلىدە جەنۋەدە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇققا ئارىلاشمىغان بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۈزۈكسىز مۇقىم ھاكىمىيەت ئۈچۈن دەسلەپكى تەييارلىقتۇر، دائېشقا قارشى كۈرەش، دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۇ كۈرەشتە ناھايىتى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈنلەي يوق قىلىنمىدى، تەشكىلىي جەھەتتىن بىتچىت قىلىندى، بىراق بەزى ئۇۋىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. بۇ يەردە دوستلىرىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتا ئۈستىدە توختالماقچىمەن، بىز دائېشقا قارشى كۈرەشتە، 2016-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 2017-يىلى مارت ئېيىغىچە داۋاملاشقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدە مۇھىم ئىشلارنى قىلدۇق. سۈرىيە زېمىنىدا 3600 دائېشچى تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردۇق، 54 دۆلەتتىن دۆلىتىمىزگە سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان 50 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك جەڭچىنى بوسۇغىدىن قايتۇرۇۋەتتۇق. 5 مىڭدىن ئارتۇق دائېشچىنى تۇتتۇق، تەخمىنەن 3 مىڭىنى رەسمىي قولغا ئېلىپ سولىدۇق، بىر تەرەپتىن، قانۇنىي كۈرەش داۋام قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان كۈرەش قەتئىي داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەشنى سابىق پىرېزىدېنت ئوباما ھۆكۈمىتى چىقارغان بىر قارار بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، ي پ گ دىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۈمىدى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ئەمدى دائېشنىڭ كۈنتەرتىپتىن يوقالغىنىغا قارىغاندا، پ ي د، ي پ گ نى قوللاشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە سۈرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ئىنشائاللاھ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، بۇ توغرىدىكى ئۈمىدىمىز كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر