مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىندى

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بۈگۈن (28-نويابىر) مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

856864
مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ھەققىدە ئېلان قىلغان «ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن باياناتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ باياناتىدا: «بۈگۈن مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىمىز بار، مۇزاكىرە قىلىمىز، ئارقىدىن ئۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، راققەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتقان سۈرىيە دېمكراتىك كۈچلىرى (SDG) نى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ياردەمگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۈمە (24-نويابىر) كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، ترامپ بۇندىن كېيىن، ي پ گ غا قورال بېرىلمەيدۇ دەپ ۋەدە بەردى» دېگەن ئىدى.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا 2017-يىلىغا ئومۇمىي يۈزلۈك قاراپ چىقىلىدۇ، سۈرىيە مەسىلىسى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ، ئۆتكەن ھەپتە سوچىدا ئېچىلغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارغا ئومۇمىيۈزلۈك قاراپ چىقىلىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ. يىغىندا يەنە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر