ئامېرىكا پ ك ك نىڭ گۇماشتىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ياكى ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

851753
ئامېرىكا پ ك ك نىڭ گۇماشتىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم كالىن: «بىزگە باشتىن تارتىپ پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، راققە قايتۇرۇۋېلىنغان، دائېش يوقىتىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ پ ي د، ي پ گ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ۋەزىپە ئورۇنلاندى» دېدى.

باياناتچى ئىبراھىم كالىن «فىرانس 24» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ناتو مانېۋىرىدا ئاتاتۈرك بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىملىرى نىشان تاختىسىغا ئېسىلغان سەتچىلىكنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇن مانېۋىرغا قاتناشتۇق، 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ناتونىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، مەزكۇر ۋەقە ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈشى، يەنى بۇ ئىشنى كىم قىلدى، رەسىملەرنى كىم قويدى، ۋاھاكازالار.  بىر ھەربىي ئىتتىپاق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنتىزامى ئىنتايىن چىڭ بىر تەشكىلاتتا بۇنداق ئىش قانداق يۈز بەردى؟»

ئۇ ناتونىڭ بۇ مەسىلىدە تۈركىيەدىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ بىر «ھادىسە» ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكلەر ھەققىدىكى سوئالغا: «ئامېرىكا بىلەن ئۆتمۈشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار، بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئوباما ھۆكۈمىتىگىچە سوزۇلغان ئىككى ئاساسىي مەسىلىمىز ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرىنچىسى، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش نامىدا پ ي د، ي پ گ نى قوللىشى؛ ئىككىنچىسى، ئامېرىكادىكى گۈلەنچى گۇرۇھى مەسىلىسى. گۈلەنچىلەر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار سىستېمىلىق ھالدا چارتېر مەكتەپلىرى ئېچىش، ساختا ۋىزىچىلىق قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماقتا. ئەمدىلىكتە بولسا، تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانى تۈركىيەگە سېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا» دەپ جاۋاب بەردى.

باياناتچى ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن قانۇن سىرتىغا چىقىدىغان ھېچقانداق ئىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «2016-يىل 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياھىي ئۆزگىرىشنىڭ كاتتىبېشى بولغان فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە 1960-يىلى ئىمزالىغان <جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى> گە ئاساسەن تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ راققەدە خەلقئارا بىرلەشمە قىسىم باشچىلىقىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ، پ ي د ۋە دائېش بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ھەققىدىكى سوئالغا: «ئالدى بىلەن، بۇ ناھايىتى قورقۇنچلىق كېلىشىم. بۇنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردۇق، بىراق پ ي د، ي پ گ دەك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتنى دائېشقا ئوخشاش يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قوللاشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز باشتىن تارتىپ، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاشقا بولمايدۇ، دەپ كەلدۇق. بۈگۈنگىچە ئەسكەرتىپ كەلگىنىمىزدەك، پ ي د، ي پ گ ھەر قاچان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنداقتا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق. پ ي د، ي پ گ نىڭ بۇيرۇق، قوماندانلىق قىلىش قۇرۇلمىسىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ھەممە ئاچقۇچلۇق بۇيرۇقلارنى قاندىل تېغىدىن ۋە پ ك ك دىن تاپشۇرۇۋالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ رايوندا تۇرۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى شەكلىدىكى سوئالغا: «بىزگە باشتىن تارتىپ پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، راققە قايتۇرۇۋېلىنغان، دائېش يوقىتىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ پ ي د، ي پ گ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ۋەزىپە ئورۇنلاندى. ئەمدى ئامېرىكانىڭ پىلانلىرىنى قانداق تۈزىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، راققە تازىلانغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشنى ئويلاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ئاستانا مۇساپىسىنىڭ، جەنۋە مۇساپىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى؛ يەنە بىرى، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بىرلىكتە ئاچقان ئىككى قانالدىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ ھەقتە: «سۈرىيەنى بىرلەشتۈرىدىغان كىشى بەششار ئەسەد ئەمەس، ئۇ قانۇنلۇق ئورنىنى يوقاتتى، سۈرىيەنى تېخىمۇ كەڭ دائىرەلىك، دېموكراتىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك، ئىقتىدارلىق ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ناھايىتى ئوچۇقكى، بۇ ئاخىرىدا سۈرىيە خەلقىنىڭ قارارىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر