ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك ئاياللىرى پەزىلەت ۋە مۆتىدىللىقنىڭ ھەم ساداسى، ھەم ئۈمىدىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈرك ئاياللىرىنىڭ پەزىلەت ۋە مۆتىدىللىقنىڭ ھەم ساداسى، ھەم ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

852097
ئەمىنە ئەردوغان: تۈرك ئاياللىرى پەزىلەت ۋە مۆتىدىللىقنىڭ ھەم ساداسى، ھەم ئۈمىدىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئەنقەرەدە ھەق ئىش كونفېدېراتسىيەسى مەزكىزى ئاياللار كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشچىلار ئۈيۇشمىسىنىڭ نەزىرىدە ئايال خادىملارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چارىسى لايىھەسى» يىغىنىدا يېپىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان قىلغان سۆزىدە، ئانادولۇ ئاياللىرىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا ماس بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئاياللارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشى جەھەتتىن يېڭى ئۈزگۈرىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئاياللارغا ئاسانلىق يارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئاياللارنى دۆلەتنىڭ قارار مېخانىزىمىدا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئالغان ھالدا كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئاياللار بولمىغان بىر سىياسەت، ئاياللارنىڭ كۆز قارىشى ئىپادىلەنمىگەن بىر ھاكىمىيەت پەقەت ئاياللار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلق ئۈچۈن ناقىستۇر. خەلقئارالىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن كارخانىچى ئاياللارنى ۋە ياشلىرىمىزنىڭ پىكىر ئۇپىقىنى ئاچقان ئايال ئاكادېمىكلىرىمىزنى كۆرۈۋاتىمەن. بۇلار ھەممىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئاددى كىچىك قەدەملەر بىلەن ئىش باشلىغان ئىنتىلىشچان تىرىشچان ئاياللىرىمىز ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە»

 ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيە ھەممىلا ساھەدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئۈچۈن بەزى كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنى توراشنى خالاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەر بىلەن تۈركىيەگە قارشى ئويۇن ئوينىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى  تەكىتلەپ، تۈركىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنى ھەممەيلەننىڭ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىنە ئەردوغان: «مىللىي ئىرادىمىزنىڭ قەد كۆتۈرىشىنى توسۇپ قىلىشنى ۋە بۇ گۈزەل دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىغا پالتا ئۇرۇشنى ئويلاشماقتا. بىراق ۋەتىنىگە پەرۋانە ياشلىرىمىز، پولاتتەك يۈرىكى بار، كۈچتوڭگۈر ئاياللىرمىزلا بولىدىكەن ئۇنداق قىلىشقا ھەرگىز كۈچى يەتمەيدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەممىلا ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى ۋە تەرەققىياتى بەزىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرماقتا» دېدى.

ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىقلارنى رۇسلاشقا تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ئەمىنە ئەردوغان: «بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنسەكلا، كۈچىمىزگە ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسەكلا بولدى» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان «پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن پەزىلەت ۋە مۆتىدىللىقنىڭ شۇنداقلا ۋىجداننىڭ ساداسى بولغان تۈرك ئاياللىرى دۇنياغا نىسبەتەنمۇ بىر ئۈمىتتۇر. ئاياللىرىمىزنىڭ قەلبى سەبىر - تاقەتنىڭ، پىداكارلىقنىڭ ۋە سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ ئانايۈرتىدۇر. ئىنشائاللاھ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ زىچ ھەمكارلىقى ئاستىدا كېلەچىگىمىزنى شەكىللەندۈرىمىز. ھەق ئىش گۇرۇھى مانا شۇنداق ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىسى نامايان بولۇۋاتقان جايدۇر. يۈرگەن يۇلىمىزدا ئاخىرىغىچە بىرلىكتە مۇجادىلە قىلىدىغان بولساق، بۈيۈك نىشانلارغىمۇ بىرلىكتە يېتىپ بارىمىز. سىلەر ئاياللار كۈچلۈك بۇلۇڭلاركى، مىللىتىمىزمۇ كۈچلۈك بولسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر