ھۇلۇسى ئاكار سوچى يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ئەتە (22-نويابىر) سوچىدا ئېچىلىدىغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن بۇرۇن رۇسىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

851571
ھۇلۇسى ئاكار سوچى يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئەنقەرە ئەتىمەسگۇتتىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمدىن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ سوچىدا رۇسىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرى گېراسىموۋ ۋە ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باكىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى 22-نويابىر رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆزئارا كۆرۈشىدۇ. يىغىندا، تەرەپلەر سۈرىيە ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش مەقسىتىدە ئاستانا مۇساپىسى دائىرەسىدە سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى نىشان قىلغان «سۈرىيە خەلقلەر كونگرەسى» گە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىسى پ ي د نىمۇ تەكلىپ قىلىشى، تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن پ ي د تەكلىپ قىلىنغان كونگرە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، كونگرەنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر