يىلدىرىم چىپراسقا تەزىيە بىلدۈردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسقا گىرېتسىيەنىڭ ئاتتىكا رايونىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى مۇناسىۋىتى تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

849501
يىلدىرىم چىپراسقا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراسقا 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى تۈپەيلى تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە گىرېتسىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ۋە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر