ئەردوغان سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخورنى قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
849540
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىلوۋېنىيەلىك مەنسەپدېشى پاخور بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
سىلوۋېنىيەدە 12 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا پاخور قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانىدى.