تۈركىيە ئىراقتىكى يەر تەۋەرش ئاپىتى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە رەھبەرلىرى ئىراقتا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتتە.

846222
تۈركىيە ئىراقتىكى يەر تەۋەرش ئاپىتى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىراقتىكى يەر تەرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم يازما باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى سۇلايمانىيەنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئازابىنى چىن يۈرەكتىن ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دەسلەپكى مېنۇتلاردىن تارتىپلا يەر تەۋرەش ئاپتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم: «ئىراق خەلقى ئېھتىياجلىق پۈتۈن تەلەپلەرنى قامداش ئۈچۈن تۈركىيە ھەرىكەتكە ئۆتتى» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزتاغمۇ تۈركىيەنىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، بىنا خارابىلىقلىرىنى يۆتكەش، يارىدارلارنى داۋالاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بەكىر بوزتاغ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبىرلەشكەن باياناتىدا، يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت،  يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە پۈتۈن ئىراق خەلقىگە سەبىر – تاقەت، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى يەر تەۋرەش ئاپتىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبىرھەلشەن باياناتىدا، «تۈركىيە ئىراقتكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئىزدەپ – قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئىنسانپەرلەرلىك ياردەم يوللاش ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرماقتا. دۇئالىرىمىز ھەر دائىم ئىراقلىق قېرىندالىرىمىز بىلەن بىرگىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىراقتا يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى، قىزىلئاي جەمئىيىتى ۋە باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى، دورا، ئەديال ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان بايانىدا، ئىراقتا يەر تەۋرەش ئاپتىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال سورىدى ۋە دۇئا - تېلەكلىرىنى يوللىدى.

تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ياردەم ئايروپىلانىنىڭمۇ سۇلايمانىيەگە بارىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى سەھىيە ئەسلىھەلىرى ۋە 250 چوڭ چېدىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەم بويۇملىرىنى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىدىغا بولدى. ئايروپىلاندا يەنە 20 كىشىلىك سەھىيە ئەترىتىمۇ بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر