تۈركىيە يەر شارى خاركتېرلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە يېڭى سۈنئىي ھەمراھلار ئارقىلىق يەر شارى خاركتېرلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.

845273
تۈركىيە يەر شارى خاركتېرلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 – يىلى ۋە 2021 – يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان تۈركسات سۈنئىي ھەمراھلىرى ئۈچۈن ئىمزالار قويۇلدى. ئاتاقلىق پەن تەرەققىياتچى ئېلون مۇسكنىڭ شىركىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھلار تۈركىيەنى يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇچۇرلىشىش ئاكتىيورىغا ئايلاندۇرىدۇ. «Türksat 5A» ۋە «Türksat 5B» ناملىق ئۇچۇر ئالاقە سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.  «Türksat 5A» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ 2020 – يىلىدا ۋە «Türksat 5B» سۇنئىي ھەمراھىنىڭ 2021 – يىلىدا «SpaceX» شىركىتى تەرىپىدىن «Falcon 9» ناملىق راكىتالار بىلەن قويۇپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى تۈركسات ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر