تۈركىيە لىۋاندىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، سىياسىي بىرلىكى، مۇقىملىقى، باياشاتلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، لىۋان ۋە لىۋان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

842511
تۈركىيە لىۋاندىكى سىياسىي كىرىزىس توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىۋان باش مىنىستىرى سەئد ھەرىرىنىڭ ئىستېپاسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تۈركىيە، سىياسىي بىرلىكى، مۇقىملىقى، باياشاتلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، لىۋان ۋە لىۋان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت لىۋاندا باش مىنىستىر سەئد ھەرىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن باشلانغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ دىققەت بىلەن يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېڭى بىر سىياسىي كىرىزىس پەيدا قىلماسلىقىنى، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە بولۇشىنى شۇنداقلا سوغۇققانلىقنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە، سىياسىي بىرلىكى، مۇقىملىقى، باياشاتلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، لىۋان ۋە لىۋان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر