تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، چەت ئەل پۇقراسى 35 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان چەت ئەل پۇقراسى 35 ئادەم قولغا چۈشۈرۈلدى.

842286
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، چەت ئەل پۇقراسى 35 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندىكى قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، يول تەكشۈرۈش جەريانىدا گۇمانلىق ئىككى سودا ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ تەكشۈرمەكچى بولدى، بىراق ئاپتوموبىل شوپۇرى بۇيرۇققا بويسۇنماي قاچتى.

قاچقان ئاپتوموبىللارنىڭ پېيىغا چۈشكەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، بادەملى يېزىسىنىڭ ئاجىدەرە رايونىدا ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ يولىنى توراپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 28 سۈرىيەلىك، 1 ئافغانىستانلىق، 1 تۇنىسلىق، 1 ھىندىستانلىق ۋە 4 گابونلۇق بولۇپ جەمئىي 35 ئادەمنى قولغا چۈشۈردى. مەزكۇر چەت ئەللىكلەرنى چەت ئەلگە يولغا سېلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىقلانغان باشقا ئىككى كىشىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

قولغا چۈشۈرۈلگەن چەت ئەللىكلەر سوراق قىلىنغان ۋە كىملىكلىرى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئايۋاجىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى. تەشكىللىگۈچىلەرنى سوراق قىلىش خىزمەتلىرى بولسا، داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر