تۈركىيە تېكساستا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكىدىكى بىر چېركاۋدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

841401
تۈركىيە تېكساستا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا ئونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپلىگەن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا، «ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر