ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تونېل
يېڭى زىگانا تۇنېلى قۇرۇلۇشى تاماملانغان چاغدا، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن 2 – تونېل بولىدۇ.
838019
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز بىلەن كاۋكاز رايونىنى، ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئىراننى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ترابزون – گۈمۈشخانە قۇرۇقلۇق يولى بويىغا جايلاشقان تارىخىي يىپەك يولى ئۈستىدىكى يېڭى زىگانا تونېلى قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا.
قۇرۇلۇش تاماملانغان چاغدا، تۈركىيە ۋە ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن 2 – تونېل بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى باشلانغان قۇرۇلۇشنىڭ ھازىرغىچە 8807 مېتىرلىق قىسمى تاماملاندى.