ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تارىخىي تۆمۈر يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجاندىكى زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

837648
ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان زىيارىتى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (31-ئۆكتەبىر) ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشكە باشچىلىق قىلىدۇ.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ ئىمزا مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرىپىگە بېرىلىدىغان چۈشلۈك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن، باكۇدىن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.

بۇ جەرياندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ باكۇدا «تۈرك ھەمكارلىق كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى» (TİKA) تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىۋاتقان «تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى باكۇ تۈرك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا لېنتا كېسىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر