ئەلىيېۋ ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى.
837410
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن يېپىق شەكىلدىكى رەسمىي زىياپەتكە ئەمىنە ئەردوغان بىلەن ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەپىقىسى مېھرىبان ئەلىيېۋامۇ قاتناشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى» نى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن باكۇغا بارغانىدى.