مىللىي مۇداپىئە لايىھەلىرىنىڭ قەدىمى تېزلەشتۈرۈلدى

رايوندا تۈركىيەگ بولغان تەھدىتلەرنىڭ ئېشىشى ۋە ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداش دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ قورال سېتىپ بېرىشنى خالىماسلىقىنىڭ، يەرلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

838010
مىللىي مۇداپىئە لايىھەلىرىنىڭ قەدىمى تېزلەشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايوندا بارغانسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىتلەر، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرى تۈركىيەگە قورال-ياراغ ۋە قورال-ياراغلارنىڭ پارچىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى خالىماسلىقى ياكى مال تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشى، بۇ يولدا مۇھىم قارار ئېلىشقا تۈرتكە بولدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مۇداپىئە سانائىتى لايىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىل ئالدىغا سۈرۈلگەن، داۋاملىشىۋاتقان لايىھەلەرنىڭ سۈرئىتى بولسا تېزلەشتۈرۈلگەن. مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مۇداپىئە سانائىتى لايىھەلىرىنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

ئالتاي تانكىسى: لايىھەلەش ئىشلىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، نويابىر ئېيىدا ھۆددىگە بېرىش ئىشى باشلىنىدىكەن. موتور ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئاكتىپ قوغدىنىش سىستېمىسى:M60 ۋە «يىلپىز» ناملىق تانكىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاكتىپ قوغدىنىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەسىنى ئاسەلسان (ASELSAN) ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دەسلەپكى لايىھەلەش ئىشلىرى ئاخىرلاشقان. پات يېقىندا مەلۇمات توپلاش سىناقلىرى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى باشلىنىدىكەن.

S-400 تەلىم-تەربىيە باسقۇچى: رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى باشلانغان. رۇسىيە-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا مۇتەخەسسىس، تەربىيەلىگۈچى ۋە تەلىم-تەربىيە زىيارەتلىرى باشلانغان. تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ئورتاقك ئىشلەپچىقىرىش قەدەملىرى باشلىنىدىكەن.  S-500لەرنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار باشلانغان. S-400 لەرنىڭ دوست-دۈشمەن ۋە تەھدىتىنى پەرق قىلىش سىستېمىسى تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئاساسەن تۈزۈلىدىكەن.

F-35  ئايروپىلانى: ياسىلىشىغا تۈركىيەمۇ شېرىك بولغان F-35  لەرنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تەتۈر ساناش باشلانغان. ئامېرىكادىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ، گوللاندىيەگە تاپشۇرۇلغان. تۈركىيە نورۋېگىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنلا، يەنى 2018-يىلى F-35 لەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. F-35لەرنىڭ بازىسى مالاتيا بولىدۇ. بۇ ئايروپىلانلارنىڭ گەۋدە قىسمىدىكى ۋە موتورىنىڭ مۇھىم پارچىلىرى تۈركىيەدە ياسىلىدۇ. موتور ئاسىراش، رېمونت ۋە قوراشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

ئەقىللىق قورال-ياراغلار: تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۈنۈملۈك قوللىنىلىۋاتقان ئەقىللىق قورال-ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلدى. بۇ قورال-ياراغلارنىڭ نىشانغا زەربە بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلگەن.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر