شىرناقتا پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا
شىرناقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلانغان ھاۋا ھەرىكىتىدە سەككىز تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.
833878

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەيتۈششاباب ناھىيەسىنىڭ يەنىجە يېزىسىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ چارلىشىدا سەككىز كىشىلىك پ ك ك تېررورلۇق گۇرۇپپىسى بايقالغان. ھاۋا ياردىمى ئاستىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئىككى ئايرىم نۇقتىدا سەككىز تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان.
رايوندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.