ئەزەربەيجان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئەزەربەيجان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشىمىز.

831043
ئەزەربەيجان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، دۇنيا سىياسىتى ۋە ياۋرو – ئاسىيا رايونىنىڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئەزەربەيجان تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەزەربەيجان – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن نېمىلەرنى ئىپادىلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئەزەربەيجان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

* * * * *

ياۋروپا ئىتتىپاقى، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىق ۋە شېرىكچىلىك ئورنىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەزەربەيجان تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە. 2004 – يىلى ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى 16 قوشنا دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان «ياۋروپا قوشنىدارچىلىق سىياسىتى» سېپىگە ئەزەربەيجاننىڭ قېتىلىشى توغرىسىدا قارار چىقاردى ۋە  2009 – يىلى ئەزەربەيجان گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە ۋە مولدوۋا بىلەن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا ياۋروپا قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرى دائىرىسىدە كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، شەرق شېرىكچىلىكى تەشەببۇسىغا باشلامچىلىق قىلدى.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزەربەيجاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى. 2016 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئومۇمىي سودىسىدىكى پېيى %34.93 (6 مىليارد 170 مىليون دوللار). ئومۇمەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتىدا يۇقىرى پايغا، نىسبەتەن تۆۋەن ئىمپورت نىسبىتىگە ئىگە بولۇشى، ئەزەربەيجاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىزىل رەقىمى كۆرسىتىشى دېگەنلىك بولىدۇ. 2016 – يىلى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تىجارەت ئېشىندىسى 2 مىليارد 110 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ مىقدارنىڭ 1 مىليارد 730 مىليون دوللىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تىجارەت ئېشىندىسىدۇر. شۇڭا، دۆلەتنىڭ تىجارەت ئېشىندىسىنىڭ %81.99 ى ئەزەربەيجاندا ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ %30 گە يېقىنىنى سېتىۋېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تىجارەت نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىم بىر تىجارەت شېرىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، باكۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈلۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئەزەربەيجان ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان سودىسى ئاساسەن دۇنيا نېفىت باھاسىغا باغلىق. مەسىلەن، 2014 – يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ دۇنيا مىقياسىدا نېفىت باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى 2014 – يىلى 13 مىليارد 890 مىليون دوللار بولغان بولسا، 2016 – يىلى 6 مىليارد 170 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالدى. دېمەك، نېفىت باھاسى تۆۋەن ھالىتىنى ساقلاپ قالغان تەقدىردە، يېقىن كېلەچەكتە ئەزەربەيجان – ياۋروپا ئىتتىپاقى تىجارىتىدە گەۋدىلىك ئېشىش كۆرۈلمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، باشتىن تارتىپلا ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ياۋروپا قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقا قوشنا ئەللەر بىلەن قانداق مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولسا، ئەزەربەيجان بىلەنمۇ ئوخشاش مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق ئۈمىدى بېغىشلىيالمىغان ئەللەردە دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش تىرىشچانلىقلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېچبولمىغاندا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى دېگەندەك مۇھىم مەنپەئەتلىرى بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەردە كۈچلۈك بولالىشىنىڭ بىردىنبىر يولى توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يولىدا تېخىمۇ پائال رول ئوينىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدىمۇ ئەزەربەيجاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغىنى، قوشنىدارچىلىق سىياسەتلىرى دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىنمۇ بەكرەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇپ، پائال مۇرەسسەلەشتۈرۈش رولىنى ئويناشقا باشلىشىدۇر. نۆۋەتتە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ %20 ى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ ھەقىقەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە سېلىنمىلارنىڭ ئالدىدا توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گىرۇزىيە مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاشلا ئەزەربەيجاننىڭمۇ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتىكى قوللاش تولىمۇ چەكلىك بولماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىشەنچلىك ۋە يېقىن شېرىك ئىكەنلىكىنى يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسى توغرىسىدا ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تەرەپدارى قارارلارنى چىقىرىشتەك كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق نامايان قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مەسىلىگە تۈپتىن چارە تېپىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىنىسكى گۇرۇپپىسىدا ئاكتىپ ئورۇن ئېلىش ئارقىلىق تاشلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، 2012 – يىلى مارتتا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل مىنىسكى گۇرۇپپىسىدا فىرانسىيەنىڭ ئورنىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەزا دۆلەتلەر ئۆز مىللىي سىياسەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىگە چارە تېپىش مەسىلىسىدە مىدىرلىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتتە ئاكتىپ ھالغا كېلىشىنىڭ يولى، ئۆزلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئىچكى مەسىلىلىرىگە چارە تېپىپ – تاپالماسلىقىغا باغلىقتۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئايرىم ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇنبەرلەردە قانچىلىك كەڭ دائىرىلىك سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا قويسۇن، رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئۇتۇقلۇق رول ئوينىيالمىغان تەقدىردە، يېقىن ئەتراپىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

خۇلاسىلىگەندە، ئەزەربەيجان – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى تۈركىيەگە نىسبەتەنمۇ ناھايىتى مۇھىم. تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىر - بىرلىرىگە «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. شۇڭا، ئەزەربەيجاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بىۋاسىتە ھالدا تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر