ئەردوغان D-8 يىغىنىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان D-8 دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇل بىرلىكىنى ئىشلىتىشنىڭ يولى ئېچىلغان تەقدىردە، تەشكىلات تارىخىدا يېڭى ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

831196
ئەردوغان D-8 يىغىنىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: D-8ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى «ھەمكارلىشىپ پۇرسەتلەرنى كۆپەيتىش» تېمىسىدا باشلانغان «9-نۆۋەتلىكD8ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى» تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلاندى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودىدا مىللي پۇل بىرلىكلىرىمىزنى ئىشلىتىشنىڭ يولىنى ئاچالىغان تەقدىردە، D-8 تارىخىدا بىر ئىنقلابنى باشلىغان بولىمىز. پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ بېسىمى، دوللار ۋە ياۋرونىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىقتىسادىمىزنى ئېرىتىشكە كېرەك يوق.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش بىرلەشمىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي بانكىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى تەكلىپ قىلدى. ئۇ: «D-8 دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يىغىنلارغا قاتنىشىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، تەتقىقات خىزمەتلىرىنى ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا قوشۇشىمىز كېرەك. دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن D-8 رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز، ھەممىمىز D-8 گە ئىگە چىقىشىمىز، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشىمىز ئۈچۈن چوڭ غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ھەممە نەرسە تېز ئۆزگىرىۋاتقان بۇ دۇنيادا D-8 نىڭ ئۆزگەرمەي ئوخشاش تۇرۇشى، ھەتتا ئۆز جايىدا تۇرۇپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«يېڭى شېرىكلەر بىلەن ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، تەشكىلاتنىڭ چوڭىيىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكىمىز لازىم. قارار چىقىرىش مېخانىزمىدا ئاۋاز بىرلىكىنىڭ ئورنىغا، ئاۋاز كۆپلۈكى بولۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاۋاز بىرلىكى مېخانىزمى كۆپىنچە ۋاقىتتا، ئىشلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.»

تۈركىيە، ئىران، پاكىستان، باڭلادىش، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، مىسىر ۋە نىگېرىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت 1997-يىلى D-8نى قۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر