D-8 يىغىنى باشلاندى

«ھەمكارلىشىپ پۇرسەتلەرنى كۆپەيتىش» تېمىسى بىلەن باشلانغان «9-نۆۋەتلىك D-8ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى» تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باشلاندى.

830954
D-8 يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: D-8 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئىستانبۇلدىكى لۈتفى كىردار خەلقئارا كونگرە ۋە كۆرگەزمە زالىدا باشلاندى. يىغىنغا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە D-8 گە ئەزا دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى شاھىد خاقان ئابباسى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئارقىدىن نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان تۈركىيەگە ۋاكالىتەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلدى.

يىغىنغا، نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى، ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىسھاق جىھانگىرى، ھىندونېزىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد يۇسۇف قاللا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسى، مالايشىيا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى زاھىد ھامىدى، باڭلادىشنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى مۇھەممەد شەھرىيار ئالەم ۋە مىسىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامدى لوزالارمۇ قاتناشتى. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن گىنە پىرېزىدېنتى ئالفا كوندې يىغىنغا مېھمان دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى قاتارىدا قاتناشتى.

يىغىنغا خەلقئارا ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلاردىن، قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، ب د ت، ئىسلام تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام دۆلەتلىرى ئىستاتىستىكا، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەتقىقات ۋە تەلىم-تەربىيە مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

دۇنيادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغان سەككىز دۆلەت ئەزا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىيە، D-8 ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى مەزگىلىدە كۈچلۈك نىشان بېكىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر