«شىمالىي ئىراققا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە باغداد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

830302
«شىمالىي ئىراققا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە باغداد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 17 – سېنتەبىر كۈنى پولشادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئەردوغان تۈركىيەگە قايتىشىدا ئايروپىلاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى تاقىدۇق. قۇرۇقلۇقتىمۇ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى باغداد ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە، شىمالىي ئىراق خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ باغداد تەرىپىدىن قامدىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى تېخى تاقىمىدۇق، ئەمما پات يېقىندا بۇمۇ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.»

شىئە ھەشدى شەبى گۇرۇپپىسىنىڭ سىنجار ۋە ماھمۇر رايونلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «بۇ توغرا بولسا، باغداد ھۆكۈمىتى بىلەن باشقا خىزمەت ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشىمىز مۇمكىن» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى خادىمىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچى توغرۇلۇق توختالغان ئەردوغان: «جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. دەرۋەقە، بۇ ھەقتە ئەدلىيە تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ياۋروپا ئەللىرى بىزنى تولىمۇ رەنجىتتى. ئەمما سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم بولغىنى، مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىدۇر.  شۇڭا ئالاقە قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك. دەرۋەقە، بىزمۇ ھازىر مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. قارشى تەرەپنىڭمۇ ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتمەكتىمىز. تىرىشچانلىقلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىشىمىزغا تىلەكداشمەن.»

يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تۇغۇلغان ئىختىلاپ مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقانلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگىمۇ قاراپ بېقىشى لازىم. <بۇ ماڭىلا ھالال، باشقىلارغا ھارام> دەپ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ياخشى نىيەت بىلەن، دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر