يەرلىك قورال – ياراغلار ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار قورال – ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.

826661
يەرلىك قورال – ياراغلار ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «بۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلىرىمىز  Sig Sauer  دەپ ئاتىلىدىغان قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەيدۇ. بىز نۆۋەتتە تاپانچا ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق قورال – ياراغلارنى ئۆز دۆلىتىمىزدە  ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز. چۈنكى بىز قورال – ياراغلارنى باشقىلاردىن ئالغانسېرى ھورۇنلىشىپ كېتىدىكەنمىز. ئەڭ ياخشىسى، بىز ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان قورال – ياراغلىرىمىزنى ئىشلىتەيلى» تەرىقىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى چەت ئەل قورال - ياراغ سىستېمىلىرىدىن پايدىلىپ، يەرلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەلىرىگە بۇرالدى.

بۇ لايىھەلەردىن بىرى (MPT-76)  تىپلىق مىللىي پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى دۇنيا ئارمىيەلىرى ئىشلىتىدىغان پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنىڭ ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا لايىھەلەندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناتو نىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ئىلغار قورال - ياراغ ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر