سويلۇ: 2 مىڭ 242 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 68 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 2 مىڭ 242 تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

825039
سويلۇ: 2 مىڭ 242 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ ئەنقەرەدە 81 ۋىلايەتنىڭ ۋالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى 68 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 2 مىڭ 242 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى، 30 مىڭ 167 كىشى قولغا ئېلىندى، تېررورىستلارغا ئائىت 1488 پاناھ جاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، 515 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدى ئېلىندى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، پ ك ك،  ك ج ك، پ ي د، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچ بىر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر