تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە قېچىپ بارغان 350 تۈركمەن ئائىلىگە ئوزۇق – تۈلۈك ۋە كىيىم – كېچەك ياردەم قىلدى.

820774
تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى تۈركمەنلەرگە ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىراق ھەيئىتى باشلىقى گۆكسەن يەنىگۈل، «بىز بۈگۈن ئۆزىمىز ئېلىپ كەلگەن ئاشلىق ۋە كىيىم – كېچەكتىن تەركىب تاپقان 350 ياردەم ساندۇقىنى كەركۈككە قېچىپ كەلگەن تەلافەرلىك ۋە مۇسۇللۇق تۈركمەن ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىمىز» دېدى.

ئاشلىق قاچىلانغان ساندۇقلاردا پۇرچاق، شوخلا كونسېرۋاسى، سۇ يېغى، چاي... دېگەندەك ئائىلىلەرنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان نەرسە – كېرەكلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن يەنىگۈل، «خۇسۇسەن كەركۈككە كەلگەن ئائىلىلەرگە دېكابىر ئېيىغىچە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. زۆرۈر تېپىلسا، مۇددەتنى تېخىمۇ ئۇزارتىشىمىز مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كەركۈك بىلەن مۇسۇل ئارىسىدىكى ناھىيە – بازارلارغا قېچىپ بېرىۋالغان تۈركمەنلەرنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن يەنىگۈل، تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى ئوخشاشلا يەنە رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر