قايغۇلۇق خەۋەر: 4 ئەسكەر شېھىت بولدى

پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى، ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلدى.

819930
قايغۇلۇق خەۋەر: 4 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرى يۈكسەكئوۋاغا قاراشلىق ئەسەندەرە رايونىدا يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان پارتلاتقۇچنى ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پارتلاتتى. پارتلاشتا يارىلانغان ئەسكەرلەر دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھۇجۇمنى پەيدا قىلغان تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر