گېنېرال ئاقار ئىراندا

تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

818215
گېنېرال ئاقار ئىراندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار پايتەخت تېھراندا ئىران باش ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باقىرى تەرىپىدىن ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

مۇراسىمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، چېگرا بىخەتەرلىكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقار زىيارىتى دائىرىسىدە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئىران مىللىي بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر ھاتەمى بىلەنمۇ ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر