تۈركىيە ئىراق كورد رايونىدا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى قايتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رايونىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دەرھال رايوننى تاشلاپ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە ئىراق كورد رايونىدا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى قايتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كورد رايونىغا يۈرگۈزۈلمەكچى بولغان ېمبارگولار دائىرىسىدە ئايروپىلان قاتنىشى توختاشتىن ئىلگىرى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، «پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى رايونىدا تۇرۇشى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا، ئايروپىلان قاتناشلىرى توختاشتىن ئىلگىرى رايوندىن چىقىپ كېتىشى پايدىلىق دەپ قارالماقتا» دېيىلدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارىتا يولغا قويۇلىدىغان ئېمبارگورلار دائىرىسىدە، ئەتە جۈمە كۈنى سائەت 18:00 دىن ئېتىبارەن ئەربىل ۋە سۇلايمانىيەگە قاتناۋاتقان ئايروپىلانلار توختىتىلىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ جەرياندا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتەلىشى ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ سېغىمچانلىقىنى كۆپەيتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر