تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھاككارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

815137
تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، شەمدىنلى ناھىيەسىنىڭ سەراباتىن رايونىدا تۈركىيە ۋاقتى 08:30  ئەتراپىدا تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «توقۇنۇشتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 4 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بىر مىلتىق، RPG-11 گراناتاميوت ۋە 6 دانە كالاشنىكوف ماركىلىق ئاپتومات قولغا چۈشۈرۈلدى. مەسىلىگە ئالاقىدار قانۇنىي تەكشۈرۈشلەر داۋام قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈنۈگۈن مەزكۇر جايدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىقى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدىكى پ ك ك لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىلىرىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغاندىن كېيىن بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر