پ ك ك نىڭ تۆت ئەزاسى قولغا ئېلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈرك ئامېرىكان ۋە ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىۋاتقاندا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلىغان تۆت تېررورىستنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

812220
پ ك ك نىڭ تۆت ئەزاسى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك ئامېرىكان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك ئامېرىكان ۋە ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىۋاتقاندا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۆت ئەزاسى قولغا ئېلىندى.

تۈرك ئامېرىكان جەمئىيىتى يېتەكلەش كومىتېتىنىڭ باشلىقى گۈناي ئەۋىنچ: «ئۇچرىشىش پىروگراممىسى مەخسۇس زالدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بەزى ئىغۋاگەرچىلەر ئەردوغان نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا نامايىش قىلدى، ساقچىلار ۋەقەگە دەرھال ئارىلاشتى، ساقچىلارنىڭ مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا ي پ گ نىڭ تۆت ئەزاسى قولغا ئېلىنىپتۇ» دېدى.

گۈناي ئەۋىنچ ئىغۋاگەرچىلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ فېدېراتسىيە قانۇنلىرىغا ئاساسەن، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە زىيان سېلىش، ئالاھىدە مەخسۇس جايغا رۇخسەتسىز كىرىش ۋە دۆلەت پىرېزىدېنتىغا قارىتا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەر دائىرەسىدە سوتقا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ مەسىلىنى يېقىندىن نازارەت قىلىىدىغانلىقلىرىنى، تەشكىلاتلىرىغا قارشى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە زىيان سېلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن سوت باسقۇچىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچرىشىش پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 6 مىليون تۈركنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتكە ماسلاشقان تۈرك ئامېرىكالىقلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم بايلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇ: «سىلەردىن كۈتىدىغىنىم؛ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باشقا قاتلاملىرى بىلەن ماسلىشىپ ياشاشتىن سىرت، بولۇپمۇ بۇ يەردىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتقا ئاكتىپ قانىشىشىڭلاردۇر» دېگەن ئىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش توغرىسىدا توختالغاندا، دائېشقا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 3 مىڭدىن ئارتۇق تېررورىستنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «مەن بۇ يەردە ئامېرىكالىق دوستلىرىمىزغا شۇنى دېمەكچىمەن: سىلەر ھازىرغىچە قانچە دائېشچىنى يوقاتتىڭلار؟ ئەلۋەتتە، بىزنىڭ يەنە بىر ئۈمىدىمىز، راققە ھەربىي ھەرىكىتىدە پ ي د ۋە ي پ گ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەس، بەلكى تۈركىيە ئارمىيەسى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت باشلاپ، دائېشنى ئۇ يەرلەردىن پاك-پاكىزە تازىلاش» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر