مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشى ئەتە جىددىي توپلىنىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) شىمالىي ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تۈپەيلى جىددىي توپلىنىدۇ.

812353
مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشى ئەتە جىددىي توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ۋەكىلى مۇستافا ئەلىتاش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە قارارنامەسى ئۈچۈن 23-سېنتەبىر (شەنبە) ئەنقەرە ۋاقتى 16:00 دا جىددىي توپلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

26-نۆۋەتلىك 3-قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) توپلىنىدىغان مەجلىس، مۇددەتتىن بۇرۇن توپلىنىدۇ.

ئەلىتاش ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە قارىتا چېگرا ئاتلاپ ھەربىي ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن ھوقۇق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىرلىق قارارنامەسى ئۈچۈن 23-سېنتەبىر (شەنبە) سائەت 16:00 دا جىددىي توپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر باش مىنىستىرلىق قارارنامەسى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئومۇمىي كېڭەشتە 2016-يىلى 2-ئۆكتەبىردىن 2017-يىلى 30-ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر