«İHH» ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى سەھىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە

​​​​​​​ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH» قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 143 مىڭ 750 ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بەردى.

812405
«İHH» ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى سەھىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH» جىددىي ياردەم خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، باڭلادىشتا پاناھلىنىۋاتقانقان ئاركانلىقلارغا سەھىيە مۇلازىمىتىنى باشلىدى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاراكاندىن باڭلادىشقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان 1000 ئاركانلىق پاناھلانغۇچىنى دەسلەپتە سەھىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى، ئاندىن ئېھتىياجلىق دورىلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە 45 ئېغىر كېسەلنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH»نىڭ ئاخبارات ئىشلىرى باشلىقى مۇستافا ئۆزبەك بۇنىڭدىن كېيىنكى ياردەملەردە سەھىيە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ھەمدە ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«İHH» ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يەنە، 9525 ئائىلىگە يېمەك – ئىچمەك بويۇملىرى بىلەن تولدۇرۇلغان يېشىك تارقىتىپ بەردى. 5200 ئائىلىگە  يېپىنجا، 7000 ئائىلىگە بورا، 2050 ئائىلىگە ئاشخانا ئەسلىھەلىرى، 2500 ئائىلىگە نەق پۇل، 3800 ئائىلىگە كىيىم – كىچەك، 4 مىڭ كىشىگە ئىسسىق يېمەك، 750 ئائىلىگە ھاشارەتتىن قوغدىغۇچى تور، 150 ئائىلىگە تازىلىق بويۇملىرى قاچىلانغان يېشىك، 100 ئائىلىگە ئۆي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى، 200 ئائىلىگە يېڭى ئۆي ياسىۋېلىشى ئۈچۈن بامبۇك ياغىچى تارقىتىپ بەردى. «İHH» مۇشۇ شەكىلدە، جەمئىي 143 مىڭ 750 ئاراكانلىق پاناھلانغۇچىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاراكاندىن باڭلادىشقا كۆچكەن پاناھلانغۇچىلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى سۇ بېسىۋالغان بولغاچقا پاكىز سۇ تېپىشمۇ قېيىنلاشماقتا.

ئۆز يۈرتىدىكى ھۇجۇملاردىن قېچىپ، يېڭى بىر تۇرمۇش ئۈمىدى بىلەن باڭلادىشقا كەلگەن ئاراكانلىقلارغا ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH»، لاگېرلارنىڭ پاكىز سۇ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن 20 جايدا سۇ قۇدۇقى ئېچىپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلىگىرى ئېچىپ بەرگەن 45 قۇدۇق سۇ بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

باياناتتا يەنە، ساخەۋەتچىلەر ئاراكاندىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەمدە بۇلۇشقا چاقىرىق قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر