ئەردوغان شىمالىي ئىراقنى يەنە بىر قېتىم نىيۇ يوركتا ئاگاھلاندۇردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغان يەنە بىر قېتىم شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتىنى 25-سېنتەبىر ئۆتكۈزمەكچى بولغان رېفېراندۇمدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

810462
ئەردوغان شىمالىي ئىراقنى يەنە بىر قېتىم نىيۇ يوركتا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىيۇ يوركتا ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ 72-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ رايوندا يېڭى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى:

«تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ناھايىتى ئوچۇق ۋە قەتئىيلىككە ئىگە مەيدانىنى كۆرمەسكە سېلىش، شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بار ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىدىغان بىر مۇساپىنىڭ ئالدىنى ئېچىشى مۇمكىن. رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋاتقان گۇرۇپپىلار ۋە كۈچلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ، ئېنىقكى مۇنداق مەقسىتى يوق، بۇ گۇرۇپپىلار ۋە كۈچلەر دائېشتىن ئۆز كۈنتەرتىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د بىلەن ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە قولغا كىرگۈزۈۋالغان رايونلاردا نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى، خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشى، قارشى چىققۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشى ياكى سۈرگۈن قىلىشى ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتتۇر. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قانۇنىي ئاساستا قىلىنمىغان تەقدىردە، دۇنيا يېڭى دائېشلارنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەنچىسىدە ئىزىلگەن سۈرىيە خەلقىنى خەلقئارا جەمئىيەت يالغۇز تاشلاپ قويغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە پاناھلىنىۋاتقان 3 مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر بىلەن 200 مىڭ ئىراقلىقنىڭ بارلىقىنى، بۇلارغا خەجلەنگەن پۇلنىڭ 30 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدە قىلغان ياردەمنى قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «3.2 مىليون مۇساپىرنىڭ يۈكىنى تۈركىيەنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ قويغان بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن» دېدى.

ئۇ 5-ئىيۇن پارس قولتۇقىدا پارتلىغان كىرىزىس ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ قاتار خەلقىگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۇۋەيتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ۋاستىچىلىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ تىراگېدىيە ئالدىدا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاراكان كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە بەزى مىنىستىرلارنىڭ باڭلادىشتا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قولنى قولغا تۇتۇپ ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ تىراگېدىيەنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا ئىنسانىيەت تارىخىغا قارا داغ چۈشىدۇ.»

 ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش ئەزادىن تەشكىللەنگەن مەۋجۇد قۇرۇلمىسىنىمۇ يەنە بىر قېتىم «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە ھەممە ئەزا ئوخشاش ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولىدىغان 20 دۆلەتتىن تەركىپ تاپىدىغان كېڭەش توغرىسىدا تەكلىپ سۇندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «كۆزلىرىمىزنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆز ياشلىرىمىزنىڭ رەڭگى ئوخشاش» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر