خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تېررورچىلارغا شىمالىي ئىراقتىكى ئۇۋىسىدا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بايقالغان بىر تۈركۈم تېررورچىلىرىنى ھاۋادىن زەربە بېرىپ ئۇجۇقتۇردى.
810533
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاككارى ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا پ ك ك نىڭ 7 ئەزاسىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن زەربە بېرىپ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن كەچتە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ھەرىكەت ئارقىلىق تەشكىلاتنىڭ قورال ئىستىھكامى، پاناھلىنىش ئورنى ۋە قورال – ياراغ ئىسكىلاتى يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.