تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

809626
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى، قورال ۋە ئوق دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر