قۇرتۇلمۇش ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقتىن ئىسرائىلىيەنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 25 – سېنتەبىردە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ رايون خەلقىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
807024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ توقۇنۇش ۋە بۆلۈنۈشلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پارچىلانغان ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە كاپالەت ئاستىغا ئالماقتا. ئەپسۇسكى، رايوننىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن بۇ قۇرۇلمىسى ھەممىدىن بەك ئىسرائىلىيەنى كۈچلەندۈرمەكتە. شۇڭا، ھەممىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئويلىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.