تۈركىيە تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدا چېگرا بويىدىكى ھەربىي رايونلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى - پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

805406
تۈركىيە تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە تۈنۈگۈنكى <دۆلەت ئىچىدىكى ۋەقەلەر> گە ئالاقىدار ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى. ئۇچۇردا، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدا چېگرا بويىدىكى ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تۆت تېررورچىنى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ چارلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا بولسا، شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە ئىككى دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ؛ بەيتۇششەبابتا ئىككى دانە قول بومبىسى ۋە بىر دانە ئادەملەرگە قارشى مىنا بايقىلىپ، چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر