ئەمىنە ئەردوغان باڭلادىش لاگېرىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ھەدىيە تارقاتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت باڭلادىشتا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى پاناھلىنىۋاتقان كۇتۇپالوڭ لاگېرىنى زىيارەت قىلدى.

803390
ئەمىنە ئەردوغان باڭلادىش لاگېرىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ھەدىيە تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان باڭلادىشتىكى لاگېرلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى يوقلاپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن بىئارام بولماسلىقىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئاللاھ ياردەم قىلسۇن. ئىنشائاللاھ پۈتكۈل دۇنيا ھەم ياردەم قىلىش ھەمدە سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەر، بۇ ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىدۇر. بۇ دەۋردە بۇنداق ۋەھشىيلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ ۋەھشىيلىكلەر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر جىنايەتچى بولسا، جىنايىتىگە يارىشا جازا بېرىش كېرەك. بىراق، بۇ ۋەھشىيلىكلەر ئادەتتىكى پۇقرالارغا، خەلققە قىلىنىۋاتىدۇ.»

ئەمىنە ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ: «ھەممىمىزنىڭ بالىلىرى بار، بىزنىڭ بالىمىز ئەمەس دەپ كۆرمەسكە سالالمايمىز، بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بۇ يەرگە شۇنىڭ ئۈچۈن كەلدۇق، دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن كەلدۇق، ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق، ھەممە كىشىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىشىنى سورايمەن» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەزكۇر مەسىلىنى ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەيئەت ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرمادىكى زوراۋانلىقلاردىن قېچىپ باڭلادىشقا كەلگەن ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن باڭلادىشقا كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدۇق، پائالىيىتىمىزنى پىلانلىق ھالدا خەلقئارالىق كۆچ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، باڭلادىشلىق دوستلىرىمىزغا بۇ كىشىلەرگە بىرلىكتە ياردەم قىلايلى، دېمەكچىمىز.

بۇ يەردىن پۈتكۈل دۇنياغا بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىشنى خالايمىز. بىراق، ئەھۋالنى كۆرسىتىپ قويۇش يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا باشقا تىرىشچانلىقلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، جۇمھۇر رەئىسىمىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشنى خالايمىز. قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئىسلام دۇنياسىدىن كەلگەن رەھبەرلەر بىلەن يىغىن ئۆتكۈزىمىز، ئاندىن نىيۇ يوركتا كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىمىز. بىز ئاراكان مەسىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ بىرما رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرما پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئۇلارغا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق. بىزگە بۇ توغرىدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز دەپ جاۋاب بەردى. بىراق، ئۇلار بىز كۆرگەن فوتوگراف ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر